ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ، ھەر خىل ماتېرىيالدا ئىشلەنگەن ، ھەر خىل ماركىدىكى ئىچ كىيىملەر سودا سارايلاردا بازار تاپماقتا پاختا رەختتىن تىكىلگەن ئەنئەنىۋى ئىچ كىيىملەرگە سېلىشتۇرغاندا ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىمى تېخىمۇ يېنىك ، قولايلىق ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى

 

ئەمما ياشانغانلار ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىمى سېتىۋالغاندا ، چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشى لازىم . جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى لى يۈخۇا پىروفېسسور ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى خىمىيەلىك تالالىق رەختتىن تىكىلگەن ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىمى كىيمەسلىكى كېرەك ، دەپ ئەسكەرتتى .

 

    بىر قىسىم ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىملىرى مۇرەككەپ قوش قەۋەتلىك ماتېرىياللاردىن تىكىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا كىيىم ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن تاشقى ھاۋانىڭ ئالمىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئەمما ھاۋا ياخشى ئالماشمىسا ، تەر چىققاندىن كېيىن ، تەر تەركىبىدىكى ئۇرىيە ، تۇز قاتارلىقلار بەدەنگە چاپلىشىپ قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تېرە قىچىشىدىغان ، ھەتتا تېرە ياللۇغى ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ .

 

    مۇرەككەپ قوش قەۋەتلىك ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىمى بولمىغان ، ئەمما كۆپ خىل خىمىيەلىك تالالىق رەختلەردىن تىكىلگەن  ئىچ كىيىملەردىكى خىمىيەلىك تالا ئادەم بەدىنى ، كىيىم قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى ئاسانلا سۈركىلىپ ، ستاتىك زەرەت ھاسىل قىلىپ ، تېرە كېپەكلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ، ياشانغانلارنىڭ تېرىسى ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولغاچقا ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىمىنى كىيسە ، بۇ خىل ئەھۋاللار تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن .

 

    لى پىروفېسسور ياشانغانلارغا ھاۋا ئالمىشالايدىغان ئىسسىقلىق ساقلايدىغان ، ساپ پاختا رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن ياشانغانلارنىڭ پۇت، قولى ئاسان ئۇيۇشۇپ قالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گىنكو ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .