ياشانغانلاردا پۇت ، قول ئۇيۇشۇش كۆپ كۆرۈلىدۇ بۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا پۇت، قوللارنىڭ ھالىتى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن بولسىمۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان پۇت، قول ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ

ياشانغانلاردىكى پۇت، قول ئۇيۇشۇشنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن ئىزدەشكە بولىدۇ: 


1. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىق بۇ ئاساسلىقى ئاشقازان، ئۈچەي، ئىقتىدارى ئۇزۇن مەزگىل قالايمىقانلىشىپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئازىيىپ، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ، ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى نېرۋىلارنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، نېرۋا ئۇچ ياللۇغى ۋە نېرۋا يىلتىزى كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇت، قول ئۇيۇشۇشنى پەيدا قىلىدۇ. 


2. ئارتېرىيە قېتىشىش ئەگەر ياشانغانلاردا مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىش بولسا، بىر تەرەپتىن نېرۋىلارنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مېڭىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىنىڭ قان، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ كېتىپ، مەركىزىي نېرۋا ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ خىلدىكى پۇت، قول ئۇيۇشۇپ قىلىشتا دائىم بىر تەرەپ ئۇيۇشۇش ۋە تۇرۇپ - تۇرۇپ قوزغىلىشتەك ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىپ، قان تومۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر بىماردا بىر تەرىپى ئۇيۇشۇش بىلەن بىرگە، شۇ تەرىپىدىكى پۇت، قولدا ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىپ يارتا پالەچكە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 


3. دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ياشانغانلاردا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، دورىنىمۇ كۆپ يەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى دورىلار، مەسىلەن، سۇلفامېتازىن (خۇاڭئەن 7磺)، 
فۇرازولىدون (فونەن زوتوڭ  呋喃唑酮)، ياڭفۇشاشىڭ (氧氟沙星) قاتارلىق باكتېرىيىگە قارشى دورىلار، رىمىفون (لېمىفېڭ 封米雷)، ئېتامبۇتول (يىئەندىڭچۈن 醇丁7乙) قاتارلىق ئۆپكە سېلى (تۇبېركۇليوز) گە قارشى دورىلار ۋە چاڭچۈن دىشىن ( 长春地辛) قاتارلىق خىمىيىلىك دورىلار ئۇزۇن ۋاقىت ياكى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە، نېرۋا ياللۇغى پەيدا قىلىپ، پۇت، قوللار ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەتتە ئۇيۇشۇش پۇت، قولدىن باشلىنىپ، تەدرىجى يۇقىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ھەم بىنورمال سېزىم پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپېلىسىن ياشانغانلارنىڭ سەكتە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىملىرى ياشانغانلارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .