كۆپ قىسىم ياشانغانلار كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، سۈمۈرۈلۈشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس

نۇرغۇن ئامىللار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسلەن ، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ياكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ياكى ئۇزۇن مۇددەت كورتىزون تۈرىدىكى ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىچىش قاتارلىقلار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

بىماردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئۈچەي يولى كېسىلى بولسىمۇ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولمايدۇ . ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتتا كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس ، كۆپ مىقداردا كالتسىي قوبۇل قىلىش بەدەنگە ، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا زىيانلىق ، دەپ قارىلىدۇ . تەتقىقاتتا بايقىلىشچە ، كۆپ مىقداردا كالتسىي تولۇقلىغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈش ، غەيرىي ئورۇن كالتسىيلىشىش ، سوققان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ .
 
   سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت كالتسىي تولۇقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ، مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ ، سۆڭەڭنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك . كالتسىي تولۇقلاشنى چوقۇم مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ، قاراتمىلىق ھالدا ئېكىپ بېرىش كېرەك .
 
‹‹ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپېلىسىن ياشانغانلارنىڭ سەكتە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .