گەرچە ھەسەلنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا ياشانغانلار ئۈچۈن ياخشى يېمەكلىكتۇر

چۈنكى ھەسەل تەركىبىدىكى قەنتنىڭ %80ى ئاسان ھەزىم بولىدىغان گلۇكوزا بىلەن فروكتوزىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق ھەم بەدەن بىۋاستە قوبۇل قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ، ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ ، ئۇ بەدەننىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

ھەسەل يەنە ناھايىتى كۈچلۈك مىكروب يوقىتىش رولىغا ئىگە . ياشانغانلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا ، كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ .

ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئستېمال قىلغاندا كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى ، يەنە يۆتەل ، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، ئاشقازان ، ئۈچەي يارىسى ، قەۋزىيەت ۋە تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالتسىي ۋە ياشانغان ئاياللار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .