كالتسىي ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سۆڭەك ۋە چىشنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، مۇستەھكەم بولۇشى ۋە بەدەندىكى باشقا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

شۇڭا ھەر قانداق كىشى كالتسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن كالتسىي تولۇقلاپ تۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم.

چۈنكى ئاياللارنىڭ ياشىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەيز توختاپ، ئانىلىق گورمۇننىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى، كالتسىينىڭ ئورگانىزىملار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈشى كۆرىنەرلىك ئازىيىدۇ. ئەگەر بۇنداق چاغدا كالتسىي كەملەپ كەتسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن بەل - پۇت ئاغرىيدىغان، يىقىلىپ چۈشسە ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇپ كېتىدىغان، پەي تارتىشىدىغان، ئىشتىھا ياخشى بولمايدىغان، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا ياشانغان ئاياللار تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى، يەنى سۈت، قېتىق، سۆڭەك شورپىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقسۇنىڭ ياشانغانلارغا بولغان پايدىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .