ئادەم ياشانغاندا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىن

ئادەم ياشانغاندا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئازلاپ ، ئۈچەي ھەم ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش كۈچى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەيدۇ .

شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغان كىشىلەر كۆكتات ۋە قورۇمىلارنى ئىستېمال قىلغاندا مەلۇم مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاچچىقسۇ بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ، بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ يۇقىرى قان بېسىمى ، قان تومۇر قېتىشىش ھەم يۈرەك كېسەللىكىدىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ .

لېكىن ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار ساغلاملىقنى ئاسراشتا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كالتسىي ۋە ياشانغان ئاياللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .