باش ئاغرىش ، قىزىش ۋە بەل - پۇت ئاغرىش ياشانغانلاردا بولىدىغان ئالامەتلەر بەزى ياشانغان كىشىلەر قىزىتما ياندۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى يەۋالىدۇ شۇنىڭ بىلەن كېسىلى يەڭگىللەشكەندەك ھېس قىلىدۇ ماھىيەتتە تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ

ياشانغانلاردا قىزىش كۆرۈلسە ، سەل قارىماسلىق ، ئۇ ، كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇشىمۇ مومكىن . ئەگەر كېسەل سەۋەبى ئېنىقلانمىسا ، قىزىتما ياندۇرىدىغان دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك . بۇنداق قىلمىغاندا كېسەلنىڭ ۋاقتىدا بايقىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ .

بەزىلەرنىڭ بەل - پۇتلىرى ئاغرىسا ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى يەنى ئاسپىرىن قاتارلىقلارنى ئىچىۋالىدۇ . بۇنداق دورىلار يېگەندىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىش ، ياندۇرۇش ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى ، ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەش ، ھەتتا روھىي جەھەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك ، كېسەل سەۋەبلىرىنى ئېنىقلىتىش كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار ساغلاملىقنى ئاسراشتا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .