ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تافس ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان گۋىئېن مېيېر ياشانغانلار ئوزۇقلۇق تەتقىقات مەركىزى 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان 335 ئەر – ئايال پىدائىينى ئۈچ يىل تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ۋىتامىن K نىڭ ياشانغان ئەرلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا

   تەجرىبىدە، تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم پىدائىيلارغا ھەر كۈنى ۋىتامىن K، ۋىتامىن D قاتارلىق كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى ۋە كالتسىي تولۇقلىغۇچىلارنى يېگۈزگەن. يەنە بىر قىسىم پىدائىيلارغا باشقا ۋىتامىن ۋە كالتسىي تولۇقلىغۇچىلارنى يېگۈزگەن ھەم پىدائىيلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرگەن.

   بۇ كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ۋىتامىن K ئىستېمال قىلغان ياشانغان ئەرلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەنلىكى بايقالغان.

ۋىتامىن K يېگەن ئاياللاردا ۋە ۋىتامىن K يېمىگەن ئاياللاردا ھەم ۋىتامىن K يېمىگەن ئەرلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىق ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار: بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان پىدائىيلار ئىچىدە سېمىز ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ۋىتامىن K بولسا ياغ ئارىسىدا ساقلانغانلىقىنى، مۇبادا ئادەم بەدىنىدە ياغ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، زۆرۈر بولغان ۋىتامىن K ئارقىلىق گىلۇكوزا ھۈجەيرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، يېتەرلىك ۋىتامىن Kغا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن، سېمىز ئاياللار ۋىتامىن K تولۇقلىغۇچىلارنى يېسىمۇ، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىققا قارىتا ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

   كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئادەم ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىقمۇ يېتەرلىك ۋىتامىن Kغا ئېرىشىدۇ. ۋىتامىن K مول يېمەكلىكلەر، قاتكۆك، كوكۇس، پالەك ۋە جۇڭگو گۈل كاپۇستىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالدۇر قېرىپ كەتمەي دېسىڭىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .