ئىنسان تىز قېرىپ كىتىشنى ئاستلىتىش ئۈچۈن ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1.   ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تەنتەربىيە پائاليەتلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇلىنىپ بەدەننى تاۋلاش كىرەك. دائىم پىيادە يول مېڭىش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئات مىنىش كىرەك. ماشنىدا ئىمكانقەدەر ئاز ئولتۇرۇش كېرەك. لىكىن قورساق بەك ئاچ چاغدا ئېغىر ھەركەت، ئېغىر ئەمگەك قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
 
2.   تۇرمۇشىنى رەتلىك ئىلمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇرۇن يېتىش، سەھەر تۇرۇش، مۇۋاپىق ئۇخلاش، تاماقنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ يىمەسلىك، بۇلۇپمۇ كەچتە ئاز يىيىش كېرەك. گۆشلۈك تاماقنى ئەتىگەن ياكى چۈشتە يىيىش كېرەك. كەچتە يىسە قاندىكى ماينى كۆپەيتىۋىتىدۇ.
 
3.قاتتىق چارچاپ كىتىشتىن ساقلىنىش، ھاراقكەشلىك بەڭگىلىكتىن قول ئۈزۈش كېرەك. چۈنكى، تاماكا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. دائىم ھاراق ئىچىش بەدەننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ.
 
زىيادە سىمىزلىكىنى ھەركەت ئارقىلىق چەكلەش، قۇربى يەتسىلا مىدىرلاپ ھەركەت قىلىش كېرەك.
 
مەنبە: <<ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجرىبىلىرى>> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىنسان ھاياتى ۋە تېز قېرىپ كېتىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالدۇر قېرىپ كەتمەي دېسىڭىز توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .