لالە خېلىل، پىراكتىكانت مۇخبىر ئايشەمگۈل ئابدۇگۈل خەۋىرى : 21 - سېنتەبىر دۇنيا ‹‹ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى كۈنى›› ، بۇ يىلقى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلەيلى›› بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا

    بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 21 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - خەلق دوختۇرخانىسى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، ياشانغانلارغا ھەقسىز دىياگنوز قويدى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى.
 
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - خەلق دوختۇرخانىسى ياشانغانلار كېسىلى 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەدرېشات تۇرسۇننىىڭ دېيىشىچە‹‹ئالزى خىمىر (ياشانغانلار دېۋەڭلىك) كېسىلى›› 60ياشتىن ئاشقانلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان ئەستە تۇتۇش، بىلىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كاللىسىدىن كېتىشتەك ئۆزگىرىشچان كېسەل ئىكەن. 60ياشتىن ئاشقانلاردا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش زۆرۆر ئىكەن.

دېۋەڭلىك 痴呆症
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار دائىم تىلىنى چىشلىۋالسا ، بۇنىڭغا سەل قارىماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىنسان ھاياتى ۋە تېز قېرىپ كېتىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .