ياشانغانلار گەپ قىلغاندا ياكى تاماق يېگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن تىلىنى چىشلىۋېلىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ

   ئەگەر ياشانغانلار دائىم دىققەتسىزلىكتىن تىلىنى چىشلىۋالسا ، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك . چۈنكى ئۇلار لاكۇنا (بوشلۇق تىپىدىكى مېڭە تىقىلمىسى) مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن .
 

 
   لاكۇنا مېڭە تىقىلمىسى كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ھەم نىسبەتەن ئالاھىدە بولغان بىر خىل مېڭە تىقىلمىسى بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىم ، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش ، زىيابىتۇس قاتارلىق كېسىلى بار ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ . بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار مېڭە تىقىلمىسى كېسىلى بىمارلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنى ئىگەللەيدۇ .

لاكۇنا مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەل ئالامىتى روشەن بولمايدۇ . پەقەت راۋان سۆزلىيەلمەسلىك ، ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىش ، تاماق يېگەندە يېمەكلىكنى ئاستا يۇتۇش ، دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . چۈنكى بۇ قىسمەن قىلدام قان تومۇرلاردا توسۇلۇش يۈز بېرىپ ، مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان يېتىشمەسلىك ، مېڭە توقۇلمىلىرى ئۆلۈش ، تىل قېتىۋېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان .
 
   ئۇنىڭدىن باشقا ، تاماق يېگەندە چوكا قولدىن چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئادەم ئاسان سېزەلمەيدىغان يەڭگىل كېسەل ئالامەتلىرىمۇ بۇنىڭ بىر خىل ئىپادىسى . شۇڭا ، ياشانغانلار دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش ياكى بېشى قېيىش ، ئاغرىش ، ماڭغاندا دەلدەڭشىش ، سۆزى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك .
 
‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يېمەكلىكتىن باشلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلاردىكى ئۇنۇتقاقلىققا سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .