سۆڭەك شالاڭلىشىش ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئۇ

    سۆڭەك شالاڭلىشىش ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن قولايسىزلىق كەلتۈرىدۇ. يېمەكلىك بىلەن داۋالاش سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
 
    كالتسىي. كالتسىي يېتىشمەسلىك ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىلىرىدىن بىرى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان يېمەكلىكلىرىمىز ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كالتسىي مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۆسۈملۈك تالالىرى بىر قەدەر كۆپ. ئەگەر ئۆسۈملۈك تالالىرى بەدەنگە كۆپلەپ قوبۇل قىلىنسا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم فېرمىنتى ئاجىرىلىشىنىڭ كېمىيىشى قوشۇلسا، كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى ئازلاپ ۋە قوبۇل قىلىنغان كالتسىينىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ياشانغانلاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ، ياشانغانلار ھەر كۈنى بىر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا تەخمىنەن 25 مىللىگىرام كالتسىي تولۇقلىشى زۆرۈر. شۇڭا، ياشانغانلار كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بېلىق گۆشى، راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
 
    ئاقسىل. ياشانغانلار يېمەكلىكىدە ئاقسىل كەمچىل بولسىمۇ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچراپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقسىل بەدەندە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىدا ۋە ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا يۆتكىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر بەدەندە ئاقسىل كەم بولسا مۇسكۇللار تارتىشىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن جانسىز، ھارغىن بولىدۇ، قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار تەركىبىدە ئاقسىل مول گۆش، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، دادۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
 
    ۋىتامىن .D ۋىتامىن D بەدەندە كالتسىينىڭ توشۇغۇچىسى بولۇپ، كالتسىينىڭ ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن D كەم بولسا بەدەندە كالتسىي يېتىشمەسلىك كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار تەركىبىدە ۋىتامىن D مول ھايۋانات جىگىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بېلىق گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتاپقا قاقلىنىشمۇ ۋىتامىن D نىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار يېمەكلىككە دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە سىرتقى پائالىيەتلەرگىمۇ كۆپرەك قاتنىشىشى كېرەك.
 
    مانگان. ياشانغانلار كالتسىي تولۇقلاشتىن سىرت، مانگان تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بەدەندە مانگان كەمچىل بولسا سۆڭەكتىكى يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلاپ، سۆڭەك ماددىلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. سۆڭەك مېتابولىزمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار تەركىبىدە مانگان كۆپرەك سېرىق پۇرچاق، خۇاسىڭ، سەۋزە، يېسسىۋېلەك، پالەك، ياغسىز گۆش، بېلىق، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەن ياخشى. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بەدەنگە كېرەكلىك مانگاننى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، بەدەندە سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنىڭ بەدەندە توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە، سۆڭەك مېتابولىزمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار يېرىم كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار دائىم تىلىنى چىشلىۋالسا ، بۇنىڭغا سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .