ياپونىيەدىكى مەلۇم تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياشانغانلارنى گۇرۇپپىغا

  ياپونىيەدىكى مەلۇم تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياشانغانلارنى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان . بىر گۇرۇپپىدىكىلەر كۈندە يېرىم كېچىدە 250 مىللىلىتىر قايناقسۇ ئىچكەن ؛ يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىغان ، ئۇلارنىڭ قان قويۇقلۇقى ئەتىگەندە ئۆلچەنگەن. نەتىجىدە يېرىم كېچىدە سۇ ئىچكەنلەرنىڭ قان قۇيۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن . مېڭىدە قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆپىنچە سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بايقىلىدىغان بولۇپ ، كۆپىنچە يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىكەن . فىزىئولوگىيەلىك قېرىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ياشانغانلارنىڭ كۆپىدە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىرى بولىدۇ ، قېنىنىڭ يېپىشقاقلىقىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ .
 
   ئادەم كېچىدە نەپەسلەنگەندە ۋە تەرلىگەندە بەدەندىكى بىر قىسىم سۇ خوراپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار ھەمىشە كېچىسى تەرەتكە قوپىدىغان بولغاچقا ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ خورىشىمۇ كۆپ بولىدۇ . كېچىدە بەدەندە سۇ قىس بولسا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەپ كېتىدۇ ، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشى ئاشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ، ئەسلىدە بوتقىسىمان قېتىشقان قان تومۇرىدا ئاسانلا نوكچىلىق توسۇلۇش پەيدا بولىدۇ . ياشانغانلار يېرىم كېچىدە بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىۋەتسە سەكتە ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك–مېڭە قان تومۇرى كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يېمەكلىكتىن باشلىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .