ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ياشانغانلار سول قولىدا تاماق يېيىش ، چىش چو

  ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ياشانغانلار سول قولىدا تاماق يېيىش ، چىش چوتكىلاش ، پىيالە ، ئىستاكان كۆتۈرۈش ياكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش ، چاچ تاراش ، مائۇس ئىشلىتىش ، شارچە ئايلاندۇرۇش ، خەت يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بېرىشى كېرەك .

بۇنداق قىلغاندا سول ۋە ئوڭ مېڭە تولۇق مەشىق قىلىش ۋە ئىشلەش ھالىتىگە كىرىپ ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
 
    ئىسسىق مۇھىتتا مىكرو ئورگانىزملار تېز كۆپىيىدۇ . سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق چاغدا ، لىجى دەرىخىنىڭ قىزىل قوۋزىقىنى پاكىز يۇيۇپ ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، ئىچى سۈرۈكنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش كالتسىي كەملىكتىنلا بولۇشى ناتايىن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .