ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ كۆزنى كۆپرەك ئالايتىپ بەرگە

    ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ . كۆزنى كۆپرەك ئالايتىپ بەرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ .

   ئولتۇرغاندا ، ياتقاندا ياكى ئۆرە تۇرغاندا بولسۇن ، زېھنىنى يىغىپ ، پۈتۈن بەدەننى بوش قويۇۋېتىپ ، كۆزنى كۈچەپ يۇمۇش كېرەك . بىر ئېچىپ بىر يۇمۇپ كۆزنى خۇددى ئالايتقاندەك قىلىش ، كۆزنى يۇمغاندا كۆز قاپىقىغا كۈچەش ، زېھنىنى كۆزگە مەركەزلەشتۈرۈش ، كۆزنى ئاچقاندا ئىمكانقەدەر ئەركىن تۇتۇش كېرەك .

ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆت قېتىمغىچە ، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندا ، كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كۆزنى تولۇق بولغان قان ئايلىنىش بىلەن تەمىنلەپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

پەرھات ھەبىبۇللا (ت)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پۇتنى سىلكىپ بەرسە ھاردۇق چىقىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش كالتسىي كەملىكتىنلا بولۇشى ناتايىن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .