چىش سالدۇرۇشتىن بۇرۇن قوشنا چىشىنى تەكشۈرتۈش كېرەك ساقلاپ قېلىنىدىغان قوشنا چىش زەخمىلەنگەن بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىپ يامىتىش كېرەك

 چىش سالدۇرۇشتىن بۇرۇن قوشنا چىشىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ساقلاپ قېلىنىدىغان قوشنا چىش زەخمىلەنگەن بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىپ يامىتىش كېرەك
 
   يالغان چىشنى تاللاش كېرەك. يالغان چىش ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى ئېلىپ سېلىشقا بولىدىغان چىش، يەنە بىر خىلى مۇقىم سېلىنىدىغان چىش بولۇپ، ئېلىنمايدۇ. مەيلى قانداق خىلدىكى چىش بولسۇن قوشنا چىش ساغلام، ئەتراپى ياخشى بولۇشى لازىم. مۇقىم سېلىنىدىغان چىشنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تېز، ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ.


 

 
 
   چىشنى ئېلىپ سالىدىغان ۋاقىتتا ئېلىپ تازىلاپ، تاماق قالدۇقلىرىنى قالدۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا ياللۇغلىنىپ پۇرايدۇ. ئۇخلىغاندا يالغان چىشنى ئېلىۋېتىش، چىش مىلىكى، قوشنا چىش ۋە باشقا ھەقىقىي چىشلارنى ئارام ئالدۇرۇش، بېسىلغان شىللىق پەردىلەرنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، يالغان چىشنى ئېلىپ يۇيغاندىن كېيىن سوغۇق سۇغا چىلاپ قويۇش كېرەك. ياشانغانلار قايناق سۇ چىشنى دېزىنفىكسىيىلەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسسىق سۇ چىشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار كىچىك تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە مىنۇت ئۆرە تۇرۇشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پۇتنى سىلكىپ بەرسە ھاردۇق چىقىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .