كىشىلەرنىڭ ساغلام ھاياتقا بولغان خۇنۈك قارىشى ۋە بىخۇدلۇقى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ،ئىجتىمائىي ئامىلغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ،ئەرلەرنىڭ40ياش مەزگىلى خەۋپلىك مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش تەلىپى كۈنسايىن ئاشم

 بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئورتاق كېسەل شۇنداقلا تارقىلىشچان كېسەل بولۇپ قالدى،بەزى ئوتتۇرا ياشلىق زىيالىيلار خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرمەي،ھەمىشە چېچىلىپ ۋە ئالدىراپلا يۈرگەچكە ۋە كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلىگەچكە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىپ بارىدۇ.


  بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم پەن-تېخنىكا رايونىدا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلۈش يېشى53ياشقىمۇ بارمىغان.بىر مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ بىر قېتملىق مەملىكەتلىك يىغىنغا ئۈلگۈرتۈش ئۇچۈن كەينى-كەينىدىن ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان،بۇ جەرياندا ئۇ ئۇدا 72سەئەت دەم ئالمىغان،نەتىجىدە خىزمەت ئۈستىلىدە جېنىدىن ئايرىلغان35~60ياش ئارىلىقىدىكى بەزى باي كارخانچىلار ياش ۋاقتىدا ئۆزىنى بىلمەي قاتتىق ئىشلەپ،ئاخىرىدا ئامالسىز بالدۇر ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.

 
بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار بىرىنچىدىن،ئۆزىنى تۈگەشتۈرىدۇ،ئىككىنچىدىن،ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياش ئاققۇزىدۇ،ئۈچىنچىدىن،دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئازىيىپ كېتىدۇ.

 
بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش كىمنىڭ خاتالىقى؟
 
   كىشىلەرنىڭ ساغلام ھاياتقا بولغان خۇنۈك قارىشى ۋە بىخۇدلۇقى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ،ئىجتىمائىي ئامىلغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ،ئەرلەرنىڭ40ياش مەزگىلى خەۋپلىك مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈنكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش تەلىپى كۈنسايىن ئاشماقتا،كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى،بۇنداق چاغدا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ،كۆڭلى چېچىلاڭغۇ، خىزمەتتە ئالدىراقسان بولۇپ كېتىدۇ.

 


 
پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاياللار ئاجىز،ئەرلەر كۈچلۈك بولۇشتەك ھالەت شەكىللىنىدۇ. بۇ ھالەت ئادەمنىڭ بىئولوگىيىسىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئىقتىدارى يوقىلىدۇ ۋە بىر قاتار ساغلاملىق ناچارلىشىش ھەمدە تۇرمۇش ئۇسۇلى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 
جەمئىيەتتىكى بۇ ئىشلارغا قانداق قاراش كېرەك؟
 
     بۇنىڭدا شائىر بەي جۈيىنىڭ راھىبتىن ئۈچ جۈملە ھېكمەتلىك سۆز سورىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىدىن جاۋاب تېپىش كېرەك.ساغلاملىق دەرسىنى 100دىن ئارتۇق ئادەم ئاڭلىغان،50ئادەم چۈشەنگەن،ئەممە ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدىغىنى بىر نەچچە ئادەم بىلەن چەكلەنگەن.بىلىم،ئېتىقاد،ھەرىكەتنىڭ پەرقىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى‹‹بىلىش،ئىشقا ئاشۇرماسلىق››ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىى بولىدۇ.
 
11قېتىم دۇنيا تىكتاك توپ چېمپيۇنى بولغان جاڭ يىنىڭ:‹‹ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئادەمنىڭ ئۆزى،ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يېڭەلىسىلا ھەقىقىي رەقىبى ئازلاپ كېتىدۇ››دېگەنىدى.
 
ئوتتۇرا ياشلىقلار ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئۆزى،ئۇلار ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى يېڭىپ ئىلىمىي خىزمەت ئۇسۇلى،ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلسىلا ھەر خىل كېسەللىكلەردىن خالىي بولالايدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پەلەمپەيدىن چۈشكەندە پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسىگەندە تىز بۇغۇملىرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار كىچىك تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە مىنۇت ئۆرە تۇرۇشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .