پەلەمپەيدىن چۈشۈش كىچىك ئىش بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن خېلى ئېش

   پەلەمپەيدىن چۈشۈش كىچىك ئىش بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن خېلى ئېشىپ كېتىدۇ .


   تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە : ئادەم ياتقاندا ، تىزغا ئاساسەن بېسىم چۈشمەيدىكەن ، لېكىن ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە يول يۈرگەندە تىزغا چۈشىدىغان بېسىم تەن ئېغىرلىقىنىڭ بىر– ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن ، پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ئۈچ–تۆت ھەسسە ئاشىدىكەن . 

 
   ئادەمنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئادەتتە تەخمىنەن 60 كىلوگرام بولىدۇ دېسەك ، ھەر بىر پەلەمپەيدىن چۈشكەندە تىز 240 كىلوگراملىق بېسىمنى كۆتۈرىدۇ . تىز بوغۇمىدا چېكىنىش بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ، پۇتتىكى مۇسكۇللارنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ، بەزىدە پەلەمپەيدىن چۈشكەندە تىز بوغۇملىرىغا بولغان تەسىرى پەلەمپەيگە چىققاندىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق چاغدا ئاۋۋال پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن پەلەمپەينى دەسسەپ ، بىر قىسىم كۈچنى تاپان يايىغا يۈكلىگەندە ئېغىرلىقنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ–دە ، تىز بوغۇملىرىنى ئاسراش رولىنى ئوينىغىلى بولىدۇ .

 
   بۇنىڭدىن سىرت ، تەن ئېغىرلىقنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن پەلەمپەيدىن چۈشكەندە يانچە مېڭىپ ، پەلەمپەي تۇتقۇسىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك . ياشانغانلارغا نىسبەتەن ، بۇنداق قىلىش بىخەتەر بولۇپ ، يېقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، تۇمشاق چەملىك ئاياغ كىيسىمۇ ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . 

 
   ياشانغانلارنىڭ سەمىدە بولۇشى كېرەككى ، پەلەمپەيگە چىقىپ–چۈشۈشنى ھەرگىز چېنىقىش دەپ قارىماسلىقى ، ئۇنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك .ھەم شۇنىڭ بىرگە ، پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشكىچە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ، چوقۇم چىڭ دەسسەپ چۈشۈش لازىم . 

 
   بۇنىڭدىن سىرت ، كۈچ ئاشۇرۇش مەشىقىنى قىلىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ، كۈچ ئاشۇرۇش مەشىقى ئاز بولسا مۇسكۇللار يىگىلەپ ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار سەپەر قىلىش ، ئاستا يۈگۈرۈش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تىز بوغۇملىرىغا زىيىنى ئاز ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 مىنۇت مېڭىپ بەرسە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش كىمنىڭ خاتالىقى؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .