مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، دائىم چېچىنى بۇيايدىغانلارنىڭ سۈت بېزى راكى ، تېرە

        مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، دائىم چېچىنى بۇيايدىغانلارنىڭ سۈت بېزى راكى ، تېرە راكى ، ئاق قان كېسىلى ، دوۋساق راكى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن . بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن ، ئىممۇنېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا ، چاچ بوياشتىن كېيىن ئاسانلا زەھەرلىنىش ، ئارىلاشما تېرە ياللۇغى ، ھەتتا ئۆسمە قاتارلىق كېسەللەرگە گرىپتار بولىدىكەن .

        مۇتەخەسىسىلەر مۇنداق دېدى : ياشانغانلارنىڭ ئاق چېچى بىر قەدەر كۆپ ، شۇڭا كەڭ دائىرىدە ، ھەتتا پۈتۈن باشنى بوياشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قوبۇل قىلغان چاچ بويىقىنىڭ مىقدارى يىلدىن – يىلغا ئاشىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش چوڭايغانسېرى ، بەدەننىڭ ساپاسى تۆۋەنلەپ مېتابولىزىم ئاستىلايدۇ ، شۇ سەۋەبتىن تېز رېئاكسىيە قىلىپ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

        دىئابىت ، يۇقىرى قان بېسىم ، يۈرەك كېسەللىرى ئاغرىقلىرى چاچ بويىماسلىقى كېرەك . زىققا قاتارلىق رېئاكسىيە خاراكتېرلىك كېسەللەر ، تېرە يارىسى ، قان كېسىلى ۋە ئۆسمە كېسىلى بارلار تېخىمۇ بويىماسلىقى كېرەك. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قولى تىترەيدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 مىنۇت مېڭىپ بەرسە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .