نەپىسى سىقىلىش ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ بىراق بەك ئېغىر بولمىسىلا نۇرغۇن كىشى ئېتىبار قىلمايدۇ نەپىسى سىقىلىش نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ سىگنالى بولۇپ ، ئەگەر ياشانغانلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى باشقا ئالامەتلەر بىلەن بىللە كەلسە چوقۇم بالدۇر دوختۇرخان

             1 . ئۇخلىغان ۋاقىتتا ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ ياتمىسا نەپىس سىقىلىش ، كېچىلىرى تۇيۇقسىز نەپىسى سىقىلىش سەۋەبىدىن ئويغىنىپ كېتىش ، كەچتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بۇ يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى . 


             2 . ئەگەر ئازراق ھەركەت قىلسىلا نەپىسى سىقىلسا ، مەغدۇرسىزلانسا ، يۆتەلسە ، بەلغەم كۆپ بولسا ، بۇ ئاستا خارەكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى ، زىققا ، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق نەپەسلىنىش سېستىمىسىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىدۇر . 


             3 . ئەگەر ياشانغانلاردا ئارىلاپ - ئارىلاپ نەپىسى سىقىلىش ، كۆكرەك قىسمى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، بۇ تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر . 


             4.ئەگەر نەپسى تۇيۇقسىز قاتتىق سىقىلسا ، يۆتەلسە ، قان قۇسسا بۇ ئۆپكە تىقىلمىسىنىڭ ئالامىتىدۇر .


             ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆپكە راكى ، ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللەردىمۇ نەپىسى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ياشانغانلارنىڭ ئىممونېت كۈچى ، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ زاپاس ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن ، كېسەللىكە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ ، كېسەللىك ئىتتىك تەرەققىي قىلىدۇ . شۇڭا ياشانغانلاردا نەپىسى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈشى ، سەل قارىماسلىقى كېرەك . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قولى تىترەيدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .