دورا كېسەللىككە قارشى تۇرىدىغان مۇھىم ۋاستە , ئۇنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلەتسە , كېسەلنى ساقايتىدۇ ئەگەر ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ

         يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا . ياشانغانلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى بولۇپمۇ مېڭە , يۈرەك , جىگەر , ئۆپكە ۋە بۆرەكلەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولۇپ , دورىلارغا بولغان چىدامچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا , ياشانغانلاردا كۆپ خىل كېسەل بىرگە قوشۇلۇپ كېلىپ , ئىشلىتىلگەن دورا تۈرى كۆپ ھەم ئىشلەتكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا , ئازراقلا بىخۇدلۇق قىلغاندا دورىدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .

 



          ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىشە تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك :

          1.دورىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك . دورىنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى , مىقتارى كۆپ بولغانسىرى ئۈنۈمى ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا . يەنە بىر نەچچە خىل دورىنى بىراقلا ئىچمەسلىك .ئەگەر بىرخىل دورا بىلەن ساقيىدىغان كېسەلگە ھەرگىز ئىككى خىل دورا قوشماسلىق . يىگەىلى بولىدىغان دورا بولسا , ھەرگىز ئوكۇل ئۇرماسلىق , شۇنىڭدەك بىخەتەر بولغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم .

          2.دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك . بۇرۇنقىلارنىڭ ئېيتىشىچە , ھەر قانداق دورا زەھەردۇر . بۇ گەپنىڭ مەلۇم مەنىسى بار . ياشانغانلارغا دورا ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك . بەزى دورىلار ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزسە , بەزىلىرى يىلىكنىڭ قان ئىشلەش رولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ .ھەتتا كېسەللەر كېسەللىكتىن ئەمەس , بەلكى ئىشلەتكەن دورىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ .

          3.دورا ئىشلەتكەندە مىقتارىنى كونتىرول قىلىش كېرەك . ئازلىقتىن تەدرىجىي كۆپەيتىش , بەك چوڭ مىقتاردا ئىشلەتمەسلىك كېرەك . شۇڭا ئىمكانقەدەر دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دورا ئىشلىتىش لازىم .

          4.دورىلارنى قالايمىقان ئىچۈرۈۋەرمەسلىك كېرەك . بەزىلەر ئېلانلاردا ياخشى دەپ ماختالغان دورىلارنى ئېچىرۈۋېرىدۇ . بۇنداق ماختالغان دورىلارنىڭمۇ ئەكىس تەسىرى بولىدۇ . مەسىلەن : بۇرۇن قاناش . ئاشقازان ئاغرىش ۋە قىززىش قاتارلىقلار .

          5.ياشانغانلار كېسەل بولسا , ساقىيىشى ئاستا بولغانلىقىدىن , دورا ئىچىشتىن باشقا يىمەكلىككە دېققەت قىلىش , دەم ئېلىش , چېنىقىپ بېرىش كېرەك .            دورا كېسەللىككە قارشى تۇرىدىغان مۇھىم ۋاستە , ئۇنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلەتسە , كېسەلنى ساقايتىدۇ . ئەگەر ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا . ياشانغانلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى بولۇپمۇ مېڭە , يۈرەك , جىگەر , ئۆپكە ۋە بۆرەكلەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولۇپ , دورىلارغا بولغان چىدامچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا , ياشانغانلاردا كۆپ خىل كېسەل بىرگە قوشۇلۇپ كېلىپ , ئىشلىتىلگەن دورا تۈرى كۆپ ھەم ئىشلەتكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا , ئازراقلا بىخۇدلۇق قىلغاندا دورىدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار قىشتا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن ئادەم نىمە ئۈچۈن ئاجىزلاشقا باشلايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .