ياشانغانلار قىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دېققەت قىلىشى لازىم



           1. سەھەردە سىرتقا چىقماسلىق كېرەك .

              قىش كۈنلىرى ئەتىگەن سىرتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر كۈن ( 24سائەت ) ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولغان ۋاقىت بۇلۇپ ، كىشىلەر بۇ چاغدا سىرتقى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا چىقىپ بەدەن چىنىقتۇرغاندا ، ئىنتايىن ئوڭايلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يۈرەك - مىڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . سەھەردە بىر قىسىم زەھەرلىك گاز ۋە ماددىلار سوغۇق تېمپىراتورىدا چۆكۈپ يەريۈزىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ ھەمدە ئاسانلىقچە تارقىلىپ كەتمەيدۇ . قۇياش چىققاندىن كېيىن ھاۋانىڭ يەريۈزىگە يېقىن قاتلىمى ئىسسىقلىقنى قۇبۇل قىلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەشكە باشلايدۇ ، بۇلغىمىلار بوشلۇققا ئېلىپ بېرىلىپ تارقايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھاۋا ساپلىشىدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، قىش پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى ئەڭ ياخشىسى سائەت 8~9 دا يەنى قۇياش چىقىپ تېمپېراتۇرا يۇقىرىلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش بىر قەدەر پايدىلىق .

 

             2. يۇيۇنۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

              قىش پەسلىدە ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق ۋە سوغۇق بولىدۇ ، بۇ چاغدا كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ كېپەكلىشىدۇ ۋە قىچىشىدۇ . ئۇلار بۇنى تېرە تازلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ ، كۈنىگە دېگۈدەك يۇيۇنىدۇ ، نەتىجىدە تېرە تېخىمۇ ، قۇرغاقلىشىپ ، كېپەكلىشىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار قىش پەسلىدە 5~6 كۈندە 1قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ .

 

             3. چېنىققاندا ھەرىكەت سالمىقى زىيادە كۈچلۈك بولماسلىقى ، ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

              ياشانغانلار چىنىققاندا زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى ، مۇۋاپىق چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللىشى كېرەك . مەسىلەن : تەيجى گومپىسى ، ئاستا مېڭىش ، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلار . ئەگەر ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن باش قېيىش ، باش ئاغرىش ، قول - پۇت ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىچى سىقىلىپ نەپسى قىسىلىش ، كېچىسى كۆپ چۈش كۆرۈپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇنداق چاغدا دەرھال ھەرىكەت مىقدارىنى ۋە ۋاقىتىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك .

 

             4. بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ ئۇخلىماسلىق كېرەك .

              قىسمەن ياشانغانلار بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇلار بۇنداق ئۇخلىسا ئىسسىقراق بولىدۇ دەپ قارايدۇ .لېكىن بۇنداق قىلغاندا يوتقان ئىچىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ ، كاربون ئىككى ئوكسېگىن ۋە كېرەكسىز گازنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن نورمال نەپەسلىنىش ھەرىكىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، ھەتتا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش ، ياستۇق تۆۋەن بولۇش ، باش يوتقاندىن چىقىپ تۇرۇش ، ئىككى پۇتنى ئېگىش كېرەك .

 

             5. ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.

              ياشانغانلار ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلانسا ، تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ ، ئادەم تېنىنىڭ تەبئىي توسقۇچ قارىشىلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ، ئاتموسفېرادىكى زەھەرلىك خىمىيۋى ماددىلار ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىشنى توسۇپ قالالمىغانلىقتىن ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ، يەنە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق تۇتماسلىق كېرەك .


             6. قىش پەسلىدە كىيىمىنى تەدرىجىي قېلىنىلىتىش كېرەك .

              بۇنداق قىلغاندا ئۆز - ئۆزىنى چېنىققتۇرۇپلا قالماستىن ، يەنە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . قىشلىق كىيىم تاللىغاندا يىنىك ۋە پۇختا بولغان مامۇق چاپاننى ھەم سوغۇق ھاۋانى ئۆتكۈز مەيدىغان خۇرۇم كىيىملەرنى تاللاش كېرەك . ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان كەسپىي خادىملار ئامال بار ئېگىز ياقىلىق ۋە بەدەننى سىقىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىم ياكى پوفايكىنى كىيىمەسلىك كېرەك . ئۇنداق قىلمايدىكەن ، بويۇن ئارتېرىيىسىنى بېسىۋىلىپ نېرىۋا توقۇلمىلىرىدىكى قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغان كىشىلەر قىش پەسلىدە گرېلكىنى بەدىنىگە قويۇپ يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇ كۆپىنچە ئۇلارنىڭ تېرىسىدە قىزىل داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ تاكى تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ . شۇڭا ئادەتتە ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى 25~18 گىرادوس ئەتراپىدا بولسىلا گرېلكا ئىشلىتىش ھاجەتسىز .

 

             7. ( كىچىك كېسەللەر) گە سەل قارىماسلىق كېرەك .

              ياشانغانلار ناۋادا زۇكام ، يۆتەل ، باش ئاغرىش ، دەككە - دۈككە بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولسا ، ئۇلارنى ( كىچىك كېسەل ) دەپ سەل قارىماستىن ، ۋاقتىدا داۋالىنىپ ، ( ئېغىر كېسەل ) دىن ساقلىنىشى كېرەك .

 

              8. ھاراق - تاماكىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش كېرەك .

              ئادەتتە ياشانغانلار تاماكا چەككەش مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈزشنى ياخشى كۆرىدۇ . قىش پەسلىدە ئىشىك - دېرىزىلەر ھىم ئېتىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، تاماكا ئىسى سىرتقا تارقىلىپ بولالمايدۇ ، بۇ ئادەم تېنىگە ئىنتايىن زىيانلىق . ئۇزۇن مەزگىللىك ئىس - تۈتەك توپلانمىسىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ . يەنە بىر قىسىم ياشانغانلار ھاراق ئىچىپ سوغۇقتىن ساقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھاراققا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ خۇمار بولۇپ قالىدۇ . قىش پەسلىدە ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىقەدەر چوڭ بولغانلىقتىن ، ياشانغانلار ھاراق ئىچىكەندىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ھەمدە ئىسسىق بىلەن سوغۇق ئارىلىشىپ يۈرەك ، مېڭە ۋە ئاشقازانغا ئوڭايلا زىيان يەتكۈزىدۇ .

 

             9. يەل قازان تائاملىرىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

              قىش پەسلىدە كىلىمات قۇرغاق بولىدۇ ، يەل قازان خۇرۇچلىرىمۇ ئىسسققا مايىل بولىدۇ ، جوڭگو تېبابەتچىلىكى نۇقتىئىنەزىردىن قارىغاندا ، قۇرۇق ئىسسىق ئادەم تېنىدىكى كۈچ ۋە قاننى خورىتىۋېتىدۇ ، خلىتلارنى كۆيدۈرۋىتىدۇ . شۇڭا يەل قازان تائاملىرى ھەممىلا كىشىگە يېقىپ كەتمەيدۇ ،

 

             شۇڭا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :

             1). يەل قازان تائاملىرىنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك ، ھەرقېتىم يەپ بولغاندىن كېيىن ئاز دېگەندە 100ml سۇ ( قايناقسۇ ياكى يېشىل چاي ) ئىچىپ تولۇقلاش زۆرۈز :

             2). ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەل قازان تائاملىرىنى ئىستىېمال قىلىشنى كېرەك . مەسىلەن : ئېغىزى قۇرۇپ تۇردىغان ، ھە دېسىلا نەپىسى تېزلىشىدىغان ، ئوڭاي قەۋزىيەت بولىدىغان كىشىلەر يەل قازان تائاملىرىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى ، ئەڭ ياخشىسى پەرھىز قىلىشى كېرەك .

 

             بۇندىن باشقا ، قان بېسىمى يۇقىرىلار ۋە ئاشقازان كېسىلى بارلار ئاچچىق تەملىك يەل قازان تائاملىرىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . 

 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلارنى كۈتۈشتە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .