ياشانغانلارنى كۈتۈشتە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

 


1. پەرزەنتلەر مۇبادا ياشانغانلارنىڭ خەج-خىراجىتى ئۈچۈن پۇل بەرگەندە، پۇلنى جوزا ئۈستىگە تاشلاپ قوپاللىق بىلەن: «ئېلىك، خەجلەڭ» دەپ ۋارقىرىماسلىق كېرەك.


2. ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى تۆۋەن دەپ كۆزگە ئىلماسلىق، بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىسى مېھمان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، مېھماننىڭ ئالدىدا قول شىلتىپ ئاتا-ئانىسىنى تەنقىد قىلماسلىق كېرەك.


3. ياشانغانلار گەپنى ئېزىپ قىلىدۇ ھەم ئاسانلا گۇمانلىنىدۇ، بۇ نورمال ئىش. ئاتا-ئانىغا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئەدەبسىزلىك بىلەن كەلسە-كەلمەس سۆزلىمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ خالىغانچە گەپ ياندۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىماسلىق كېرەك.


4. ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىدىكى ئېغىر ئىشلارغا ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا پەرزەنت بولغۇچى ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك.


5. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۈلگۈرتۈپ تاماق تەييارلاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، پەرزەنت بولغۇچى تاماقنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكەپ يۈرمەسلىك كېرەك.


6. ھېيت-بايراملاردا ياشانغان كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە پەرزەنتلىرىنىڭ ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


7. ياشانغانلار ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا چەتكە چىقىۋالماسلىق كېرەك. پەرزەنت بولغۇچى ئاتا-ئانىنى ئۈچىنچى ئەۋلادتىن خەۋەر ئېلىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار بىلەن ئۈچىنچى ئەۋلادنىڭ ئائىلىۋى بەختتىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىق كېرەك.


8. ئۈچىنچى ئەۋلادنى تەربىيىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ياشانغانلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قارىشى بولىدۇ. بىراق بۇنداق مەسىلىدە ئاتا-ئانىسىغا قوپاللىق قىلىشقا، بولۇپمۇ بالىنى تىللاپ ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.


9. پەرزەنت بولغۇچى ئۆز بالىلىرى ئالدىدا بۇۋاي، مۇماينىڭ كەمچىلىكلىرىنى مۇنازىرە قىلماسلىقى لازىم.


10. پەرزەنتلىرى بىر ئاز كۆپ بولغان ئاتا-ئانىلار ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشاشمىغان مۇئامىلىدە بولىدۇ. پەرزەنت بولغۇچى ھەرگىز ئىچى تارلىق قىلىپ يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە ھېسابلاشماسلىقى كېرەك.
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قېرىش ھەققىدە يېڭى نەزىرىيە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار قىشتا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .