شۋېيتسارىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يالغۇز ئۆتۈۋاتقان بىرنەچچە مىڭ ئادەمنى 21 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كىشىلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەم بولۇشى چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش فۇنكسىيەسىنى قوغداشقا پايدىسىز بولىدىكەن ت

  تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى، جۈملىدىن تۇل قېلىشى، ئاجرىشىپ كېتىشى، ئايرىلىپ تۇرۇشى، نىكاھلانماسلىقى قاتارلىقلار بىلىش فۇنكسىيەسىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىكەن.
 

بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ زىيىنى ئەڭ زور بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. باشقا يالغۇز ئۆتۈش ئەھۋاللىرىمۇ بىلىش فۇنكسىيەسى كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسە ئەتراپىدا كۆپەيتىۋېتىدىكەن. چوڭ مېڭە ئۆزىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ساقلاپ، بىلىش فۇنكسىيەسىنى قوغدىشى ئۈچۈن بەلگىلىك غىدىقلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.

   كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ياخشى غىدىقلاش ۋە رىقابەت ھېسابلىنىدىكەن. بويتاق ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى ھاجەتسىز، ئەمما بۇنداق ئاددىي ۋە رىتىملىق تۇرمۇش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى قوغداشقا پايدىسىز ئىكەن.

دىۋەڭلىك كېسىلى 痴呆症
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياپونىيە«كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ»دېگەننى ئىسپاتلىدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گىمناستىكا ئويناش مۈرە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .