خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ»دېگەن يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بەرگەن باھاسى دائىم يۇقىرى بولىدىكەن

ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بەرگەن باھاسى يۇقىرى بولمىغان ئادەم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان بوۋاي ۋە موماينىڭ بەدىنى تېخىمۇ ساغلام بولۇشى مۇمكىن.
 

  توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى كوندو ئۆزى باشچىلىق قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياپونىيە بويىچە تەخمىنەن 20 مىڭ نەپەر 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنى ئوبيېكت قىلىپ، كۈلۈش نىسبىتى بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، %38 ئەرلەر ۋە % 49 ئاياللار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاۋاز چىقىرىپ كۈلىدىكەن، لېكىن % 10 ئەرلەر ۋە % 5 ئاياللار« ئەزەلدىن ئاۋاز چىقىرىپ كۈلمەيدىكەن».

  تەتقىقاتچىلار كۈلۈش نىسبىتى بىلەن ئۆز ساغلاملىق ھالىتىنى باھالاش مۇناسىۋىتىنى تەھىل قىلغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىكى، كۈلمەيدىغان بوۋاي-موماي ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ساغلاملىق ھالىتى«ئانچە ياخشى ئەمەس» ۋە «ناچار» دەپ قارايدىغانلار بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈلۈپ يۈرىدىغان بوۋاي-مومايلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.54ھەسسە ۋە 1.78 ھەسسە بولىدىكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز ۋىتامىن D نى كۆپ تولۇقلاڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى دىۋەڭلىك كېسىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .