شۇ يەر ۋاقتى 10-فېۋرال ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فرېدېن: مەركىزىمىز كۇبادا تەسىس قىلغان تەجرىبىخانا يوللىغان ئۇچۇرلار، زېكا ۋىرۇسى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كىچىك باشلىق كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى دېدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كىچىك باشلىق كېسىلى بىلەن قازا قىلغان ئىككى بوۋاقنىڭ مېڭە توقۇلمىسىدا زېكا ۋىرۇسى ئىرسىيەت ماددىسىنى بايقىغان.

ئامېرىكا زېكاۋىرۇسى بىلەن كىچىك باشلىق كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى


 بۇ ھازىرغىچە زېكا ۋىرۇسى بىلەن كىچىك باشلىق كىسىلىنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات، كېيىنكى قەدەمدە بىرازىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئالاقىدار كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمىي بويىچە تەتقىق قىلىدۇ.

شۇڭا بۇ ئاپپارات ھامىلىدار ئاياللارنىڭ زېكا ۋىرۇس يۇقۇمى رايونلىرىغا ساياھەتكە بارماسلىقى، ئۇزۇن مەزگىل زېكا يۇقۇمى رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ھامىلىدارلارنىڭ ئامال بار پاشا چىقىۋېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇردى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈننەن ئۆلكىسىدە زىكا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلاندى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىلانلىق توغۇت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .