يۈننەن ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يېقىندا مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز يېقىندا ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرلەردە زىكا ۋىرۇسىنىڭ كىرىش خېيىم-خەتىرىنى باھالىدى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى ھازىر زىكا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلاندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىگىلىنىشىچە، زىكا ۋىرۇسى پاشا ئارقىلىق يۇقۇدىكەن. يۈننەن ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ لىن مۇنداق دېدى: ئۆلكىمىز يېقىندا زىكا ۋىرۇسىنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. زىكا ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە تۆت سائەتتىلا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چاغان مەزگىلىدە ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى 24 سائەت دىجورنىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

لۇ لىن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېقىنقى مەزگىلىدە ئەگەر زىكا ۋىرۇسى كۆپ يۈز بەرگەن جايلارغا ساياھەتكە بارغانلار چوقۇم پاشىدىن مۇداپىئەلىنىشى كېرەك: ھامىلىدار ئاياللار ياكى پەرزەنتلىك بولماقچى بولغان ئاياللارنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدە ئەڭ ياخشى بۇ جايلارغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى زىكا ۋىرۇسى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق، بالىغا زىيان يەتكۈزۈپ، «كىچىك باش كېسىلى» بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا شىنجاڭدا باھار بايرىمىدىن بۇرۇن 22 تۈركۈم (قېتىم) لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئامېرىكا زېكاۋىرۇسى بىلەن كىچىك باشلىق كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .