خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى چاغان ھارپىسىدا قانات يايدۇرۇلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىم 594 تۈركۈم (قېتىم) يېمەكلىك ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى، لاياقەتسىزلىرى 22 تۈركۈم (قېتىم) بولۇپ، لاياقەتسىزلىك نىسبىتى % 3 7 بولدى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشلىنىپ سېتىلغان 7 تۈركۈم (قېتىم) يېمەكلىك لاياقەتسىز بولۇپ، بۇنىڭ 3 تۈركۈمىدە (قېتىم) گۈڭگۈرت دىئوكسىد مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ مەھسۇلاتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ شىنمېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان جىڭ ئالقات ۋە كىچىك پەمىدۇر، ئۈرۈمچى شىنبەيچۈەن دورا-دەرمەك زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان تەم خۇرۇچىلىرى بولغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق خوڭتەيئېر يېمەكلىك زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان قايماقلىق تورتتا ئاليۇمىن قالدۇق مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، فۇجيەن ئۆلكىسى گۇتيەن ناھىيەسى شىياۋشېڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۈگرىنىڭ قوغۇشۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، شىنجاڭ لىڭچىڭ كۆكتات، مىۋە-چىۋە چەكلىك شىركىتى يېشىل ماش ئۈندۈرمىسىدە سۇلفىت ئۆلچەمگە توشمىغان.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى لاياقەتسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى كارخانىلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بىرياقلىق قىلىش، لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇشنى بۇيرىدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈننەن ئۆلكىسىدە زىكا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلاندى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .