چاغان مەزگىلىدە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىگە سوغا تەقدىم قىلىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولىدۇ

دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئىلمىي مۇۋاپىق سېتىۋېلىڭلار، مۇبالىغە تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بىخەتەر ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىڭلار.
 
ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىش كېرەك

  يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى مۇنتىزىم توغرا يول بىلەن سېتىۋېلىش، مۇنتىزىم تالون ئېلىش، قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش ۋە يىغىندا سېتىش قاتارلىق يوللار بىلەن كەلگەن ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك،

   ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا مەھسۇلات ئورالمىسى ئۈستىدىكى ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى بەلگىسىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى تەستىق نومۇرىنى توغرا تونۇش، ئىقتىدارىغا ئاساسەن قاراتمىلىق تاللاش شۇنداقلا ماركا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك، يەنە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى ئورالمىسى ئۈستىدە ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ ئىسمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرىنىڭ بار يوقلىغىنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرىنى كارخانىلار تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تور بېكىتىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە مۇنۇلارنى سالدى: ئەگەر قانداقتۇ كېسەللەرنى داۋالايدىغانلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ساختا تەشۋىقات قىلىنغان يېمەكلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئۇچراتسىڭىز 12331 غا تېلېفون قىلىپ، شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مىسىردا مىڭلىغان دوختۇر ساقچىلارنىڭ ئىككى دوختۇرنى ئۇرغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى شىنجاڭدا باھار بايرىمىدىن بۇرۇن 22 تۈركۈم (قېتىم) لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .