ئامېرىكا «نىيويورۇك كۈندىلىك خەۋەرلەر» دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىندا، ھىندىستاندا 22 ياشلىق ئايال ئاملەكھا دوختۇرخانىدا بىر غەيرىي شەكىللىك قىز بوۋاق تۇغقان دەرۋەقە بۇ بوۋاقنىڭ ئاشقازان قىسمىغا ئىككىنچى بىر باش ئۆسۈپ قالغان مېدىتسىنادا بۇنى پارازىت قوشكېزەك دەپ ئاتىغان

ئىگىلىنىشىچە، ئاملەكھانىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى قىلدۇرالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇرۇن بىر ساغلام ئوغۇل تۇغقانكەن. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتمىگەن. 
 
بالىنى تۇغقان كۈنى، يولدىشى ئۇنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بىر كىچىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. بۇ قىز بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاملەكھا ۋە ئۇنىڭ يولدىشى رامجى ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ مەيدىسىدە يەنە بىر باش بار ئىدى. 
 
كېيىن، ئۇلار دەرھال بوۋاقنى باشقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن. دوختۇر شارمانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «پارازىت قوشكېزەك» بولۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلىمى دوختۇرلىرىنىڭ ئوپراتسىيە قىلىپ بۇ باشنى ئېلىۋېتىشى كېرەككەن. شارما يەنە بۇنداق كېسەللىك ئادەتتە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئوپراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنىڭمۇ يۇقىرىلىقىنى، يەنە كېلىپ قىز بوۋاقنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولغاچقا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. 
 
بۇنىڭدىن باشقا، دوختۇرخانا بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن ھەق ئالماي ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى زىكا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمار بايقالدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .