ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، چوڭ مېڭە زىيانغا ئۇچرىغاندا ئۆز–ئۆزىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى، چوڭ مېڭىنىڭ مەلۇم تەرىپىدىكى مېڭە ئىقتىدارى مېڭە تىقىلمىسى سەۋەبىدىن زەئىپلەشكەندە، مېڭىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى نېرۋا يولىدا قايتا بىرىكىش شەكىللىنىپ ، زىيانغا ئۇچرىغان تەرەپتىكى مېڭىنىڭ ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان

   ياپونىيە تەبئىي پەن تەتقىقات ئورگىنى فىزىئولوگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ12–ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ تەتقىقاتخانىدىكى تەتقىقاتچىلار تەجرىبە چاشقىنىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭە تىقىلمىسى پەيدا قىلىپ ، چاشقان چوڭ مېڭىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى نېرۋا ئۆزگىرىشىنى كۆزەتكەن.

چوڭ مېڭە زىيان –زەخمەتكە ئۇچرىغاندا ئۆز–ئۆزىنى تەڭشەيدۇ

   تەتقىقاتچىلار چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ تەرىپى زىيانغا ئۇچراپ بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن چوڭ مېڭىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى نېرۋا يولى قايتا بىرىكىپ ئاستا – ئاستا مېڭىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئوڭ تەرىپىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تۆت ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى ؛ يەنە مۇۋاپىق غىدىقلىغاندا بۇجەرياننىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ ، چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرەپىنىڭمۇ چوڭ مېڭە ئوڭ تەرىپىنىڭ ۋەزەپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان .

   ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ تەتقىقات مېڭە زەخمىلەنگەندىن كېيىن ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مېڭىنىڭ زەخمىلەنگەن تەرىپىنى غىدىقلىغاندا چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرى ۋە مېڭە تاشقى جاراھىتىنى داۋالاشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەملىكىتىمىزدە تۇنجى زىكا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمار بايقالدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مىسىردا مىڭلىغان دوختۇر ساقچىلارنىڭ ئىككى دوختۇرنى ئۇرغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .