مۇخبىرىمىز چاۋ جىننىڭ 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېچىلغان 2017 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكنى داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكنىڭ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرىدىكەن

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2016 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» بىلەن «ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكنى ساغلاملىققا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)» قاتارلىق يۈرۈشلۈك يىرىك پىلانلارنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكنىڭ سىياسەت مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك
مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ.
 

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇرۇلمىغان ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت بۆلۈمى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت بويىچە ئاياللار بۆلۈمى ياكى جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت بويىچە بالىلار بۆلۈمى تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئورگانلىرى ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بايلىقىنى گورزىنتال بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئورۇنلىشىشىغا ۋە ھەمبەھرە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدىكى جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى 13 - بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ؛ جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى باشلاپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، پۈتۈن زەنجىرلىك جۇڭگو تېبابىتى بويىچە ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئەندىزىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىككە ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك بويىچە ئىختىساسلىقلارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىدۇ؛ «داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن» جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت بويىچە ساغلام كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىگە سېلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىدا دورىغا ھەق قوشۇش (جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)نى بىكار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدا جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت داۋالاش ئورگىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گۇما ناھىيەسىدە قۇلاق ئاسراش كۈنى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .