ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدا داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى 2016-يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون 2016-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئامما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمەكتە.

   ــ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى كېلەر يىلىمۇ بارمۇ؟- دەپ سورىدى يېقىندا قۇتۇبى ناھىيە ئەرشىلدەن بازارلىق شىپاخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئامانگۈل تۇرسۇن تېببىي خادىملاردىن.  

   ــ بۇ خىزمەت ھەر يىلى بار بولۇپلا قالماي، بىزنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ!-دېدى تېببىي خادىم. ئامانگۈل تۇرسۇن بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن باشمالتىقىنى چىقارغىنىچە:

   ــ پارتىيەنىڭ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى نېمىدېگەن ياخشى، ھەر يىلى سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرەلەيدىكەنمىز!-دېدى. 

   ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدا داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2016-يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون 2016-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.

  ھەر قايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ساقلاپ تۇرماي، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇش نىسبىتى %90.03 كە، ئېلېكتىرونلۇق كىرگۈزۈلۈش نىسبىتى %83.11 كە يەتتى؛ جەمئىي 86 داۋالاش ئەترىتىدىكى 362 مۇتەخەسسىس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملەشتى.

   2017-يىلى فېۋرالغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە جەمئىي 1 مىليارد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 2000 دىن كۆپ چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنە ئىشلىتىلدى، 1187 سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، 36 مىڭ 400 تېببىي خادىم سەپلەندى، جەمئىي 17 مىليون 500 مىڭ كىشى (بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا 9 مىليون 176 مىڭ 100، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە 8 مىليون 323 مىڭ 900) نىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلدى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %100 كە يەتتى،  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تۇنجى قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىپ راسچوت قىلىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گۇما ناھىيەسىدە قۇلاق ئاسراش كۈنى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .