مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 2 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە داۋالانغاندا، بىۋاسىتە راسچوت قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن

 ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش ئاساسلىقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىپ راسچوت قىلىش ھەرقايسى ئۆلكە – شەھەرلەردىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىۋاسىتە راسچوت قىلىپ بېرىشىنى كۆرسىتىدىكەن.

 ئۇقۇشىمچە، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى تۇنجى تۈركۈمدە باشلىغان ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن خېبېي، خەينەن، يۈننەن، شەنشى قاتارلىق تۆت ئۆلكە بىلەن ئۆلكە ئاتلاپ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› بىلەن تورلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىناق خىزمىتىنى بىرلىكتە تاماملاپ، بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) قوش يۆنىلىشلىك داۋالىنىشنى راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يەنە بېيجىڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 23 ئۆلكە، شەھەر ‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› بىلەن تورلىشىدىكەن. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىن باشقا جايغا بېرىپ داۋالانغان خادىملار‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› ئارقىلىق تورلاشقان 22 ئۆلكە، شەھەر بىلەن كېسەلخانىدا ياتقان جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياۋ بىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون ۋە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغان رايونلار ئىچىدىكى قاپلىنىشى ئەڭ كۆپ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) لەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى ئەمەلىي سىناقتا ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يېتىپ داۋالانغان 25 سۇغۇرتىلانغۇچى ‹‹دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى›› ئارقىلىق باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى تاماملىغان.

تەڭرىتاغ تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .