لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى سالماق ئىلگىرى سۈرۈلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئىككى ئوبلاست، بىر شەھەر ھازىر بىرلەشتۈرۈشنى تاماملىدى

 ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىكرى›› 2016 – يىلى ئېلان قىلىنىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى سىناق قىلىنىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئىككى ئوبلاست، بىر شەھەر بىرلەشتۈرۈشنى تاماملاپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 ئىگىلىنىشىچە، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان 14 مىليوندىن كۆپرەك كىشىگە چېتىلىدىكەن. بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالىنىشتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، تۈزۈم تېخىمۇ ئادىل بولىدىكەن، مۇلازىمەت تېخىمۇ قېلىپلىشىدىكەن. جايلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە داۋالاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش سۇغۇرتىسى دورا تىزىملىكى تېخىمۇ كۆپىيىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق ئاھالىنىڭ ئومۇمىي تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇلار ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىنىدىكەن.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلغان، بىرلەشتۈرۈش 2018 – يىلىنىڭ بېشىغىچە ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يىغلاش ئاشقازانغا زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىپ راسچوت قىلىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .