مەملىكىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى

8-ئىيۇن، چۈشتىن كېيىن دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە 10 يىلدىن بۇيان بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسىدە ئىلگىرىلەش بولغان. بىرىنچىدىن، توققۇز شەھەردىكى يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان. ئىككىنچىدىن، بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشىماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۈچىنچىدىن، شەھەر-يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ پەرقى تەدرىجىي ئازايغان. 

پۈتۈن مەملىكەتتىكى بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ھالقىپ كەتكەن. 

2015-يىلى، مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت ۋە سەھىيە كومىتېتى پايتەخت بالىلار بۆلۈمى تەتقىقات مەركىزىگە 5- قېتىملىق بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان، تەكشۈرۈشتە قاتلاملارغا بۆلۈش، ئىختىيارى تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ بويىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىسى بويىچە 22 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، توققۇز شەھەردىكى يەتتە ياشتىن تۆۋەن ساغلام بالىدىن 161مىڭ 774 نەپەر بالا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 83مىڭ 628 نەپىرى شەھەردىن، 78 مىڭ 146 نەپىرى شەھەر ئەتراپى ۋە يېزىلاردىن. 

 تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 10 يىلدىن بۇيان بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسكەن. توققۇز شەھەردىكى يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسى 10 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆسكەن. بەش ياشتىن بەش يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلار گۇرۇپپىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، 2015- يىلى ئوغۇل بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى ئايرىم- ئايرىم ھالدا kg 20.17، cm 113.6 بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرىكىدىن 0.99kg ۋە 1.7cm ئاشقان. قىز بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 19.29kg، 112.5cm بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرىكىدىن 0.89kg ۋە 1.8cm ئاشقان. بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا شەھەرلەردىكى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىكى ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۈچ ياشتىن كىيىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشقان، ھەمدە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئېشىپ بارغان. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش دائىرىسى 0.05~1.18 kg، بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىش دائىرىسى 0.5~1.8cm بولغان. 

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئامېرىكىدا «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە» بايقالدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يىغلاش ئاشقازانغا زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .