ئامېرىكىدا «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە» بايقالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 27-ماي تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدا تۇنجى «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە» بايقالغان.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تام فرايدوننىڭ ئاشكارىلىشىچە، 49 ياشقا كىرگەن پىنسىلۋانىيە شىتاتىدىكى بىر ئايالنىڭ تېنىدىن ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل باكتېرىيە بايقالغان، ئەمما بۇ باكتېرىيەگە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر خىل ئانتىبىيوتىك دورا كار قىلمايدىكەن. بۇ باكتېرىيە ئىلگىرى ئامېرىكىدىن سىرت جايلاردا پەيدا بولغانىكەن. ئەمما بۇ ئايالنىڭ قانداق يوقۇملانغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ئۆتكەن بەش ئايدىن بۇيان ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ باقمىغانىكەن.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھىندىستاندىكى ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ سانى يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەملىكىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش سەۋىيەسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .