سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى گەرچە كۈنسايىن ئېشىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستاندىكى ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ سانى يەنىلا يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان

ھىندىستاندا 40 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن يېتىلىشى ئاستا بولغان.

يەر شارى ئوزۇقلىنىش دوكلاتى سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2006-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ھىندىستاندا بەش ياشتىن تۆۋەن يېتىلىشى ئاستا بولغان بالىلار %48 دىن %39 گە چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەخمىنەن سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.

ھىندىستان «كۈنجۈت ئىشخانىسى»نىڭ باش دېرىكتورى بەنناجنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاندىكى ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ سانى يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، سەھرايى كەبىر ئافرىقا رايونىدىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئامېرىكىدا «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە» بايقالدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .