يېقىندا ئېچىلغان 2016-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاڭلاش ئىقتىدارى يىغىنىدا، شۋېتسارىيە سوناۋا ئاڭلاش كۈچى گۇرۇھىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇيرۇتۇپ ياسالغان ئاۋدىفون (ئاڭلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئاپپارات) تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ، جۇڭگولۇق ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققغا ئۇچرىغۇچىلارغا يوشۇرۇن ئاۋدىفون ياسايدىكەن

شىنخۇا تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار توپى بار. 2006-يىلى مەملىكەتلىك ئىككىنچى قېتىملىق مېيىپلارنى چەك تارتىپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا مېيىپ دەرىجىسىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار 27 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن، مەيكې ئاڭلاش ئىقتىدارى-تىل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالىمى جىياڭ تاۋنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ سان 60 مىليونغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جىياڭ تاۋ بىلدۈرۈپ:«جۇڭگودا ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋدىفونغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى خاسلاشماقتا، قوشۇمچە مۇلازىمەتكە بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا، بۇ ئاڭلاش ئىقتىدارى كەسپىگە يېڭى تەلەپ قويدى» دېدى.

بۇيرۇتۇپ ياسالغان ئاۋدىفون ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياسالغان، قۇلاق ئىچىگە قويىدىغان ئاۋدىفون، ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن ھەم يوشۇرۇن ئاۋدىفون دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا كۆپلىگەن ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىنىڭ مەنبەسى كېڭەيدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى شىنجاڭ روياپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .