يۇقىرى قان بېسىم ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ

نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋۇخەندە ئېچىلغان يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي يىغىندا، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇپ يۇقىرى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ھەققىدە خۇشخەۋەر تارقالدى. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم ۋاكسىنىسى ئەڭ تېز بولغاندا ئالتە يىل ئىچىدە كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىش مۆلچەرلەندى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يۇقىرى قان بېسىمى ۋاكسىنىسى «trq-001» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ ئالاھىدە ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسى بار بولدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى 4-ئايدا مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار 1023 گە يەتتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .