خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى دوختۇرخانىسى قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى ھەم چوڭ تىپتىكى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى

سۇپىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان بىمارلارنى ئىزدەپ، بىمارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ چاڭ-توزان قويۇقلۇقىنى ھەقسىز ئۆلچەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

 

بىمارلار ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكانېرلاش ئارقىلىق ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرسە بولىدۇ. چاڭ-توزانغا سەزگۈر بىمارلار ئۆي ئىچى چاڭ-توزان قويۇقلۇقىنى ھەقسىز ئۆلچەشنى تىزىملاتسا بولىدۇ؛ گۈل چېچىكى رېئاكسىيە قىلىدىغان بىمارلار شەخسىي ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ھەم گۈل چېڭى كېسەللىكى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، ئالاقىدار تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىمارنىڭ سوئالى بار بولسا، سۇپىدا ھەر ۋاقىت دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ، يەنە نومۇر قوشۇپ كېسەل كۆرسەتسە بولىدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئامېرىكا ئالىملىرى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنى ياساپ چىقتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۇقىرى قان بېسىم ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .