خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالىملىرى 24-مارت سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنى لايىھەلەپ ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ كىچىك گېن گۇرۇپپىسى بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا زۆرۈر بولغان گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن

بۇ ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ سىرىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بار، دەپ قارالدى.



ئوڭ تەرەپتىكى  syn3.0 ئىسىملىق ھۈجەيرە دەل بۇ ئەڭ كىچىك 473 تال گېنى بار ھۈجەيرىدۇر . سول تەرەپتىكىسى بىر قەدەر چوڭراق بولغان ئاددىي ھۈجەيرە . ئۇنىڭ 900 نەچچە تال گېنى بار . (ئىنسانلارنىڭ 20مىڭدىن ئارتۇق گېنى بار)

  ئامېرىكا گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى بولغان كىرېگېر ۋېنتىر باشچىلىقىدىكى بۇ تەتقىقات ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى، ئۇلارنىڭ سۈنئىي بىرىكتۈرگەن ھۈجەيرىسىدە پەقەت 473 تال گېن بار بولۇپ، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى گېن سانى ئەڭ ئاز ئورگانىك گەۋدە ئىكەن، بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كۆپەيتىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ گېن سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

  بۇ بىرىكمە ھۈجەيرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم گېننىڭ رولىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، يەنە 149 گېننىڭ رولىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۈرىيەلىك تۇتاش باش قوشكېزەكلەرنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسى بار بولدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .