شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: مەملىكەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى 9-چېسلا كۈنى مەملىكىتىمىزدە يۇقتۇرما خاراكتېرلىك زىكا ۋىرۇسى يۇقۇملانغان بىر بىمارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان

      ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ بىمار ئەر بولۇپ، 34 ياشقا كىرگەن، بىمارنىڭ ئەسلى يۇرتى جىياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇۋ شەھىرى گەنشىيەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى مەلۇم شىركەتتە ئىشلەيدىكەن. بىمار ئاغرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ۋېنېسۇئېلاغا ساياھەتكە بارغان. مەزكۇر بىمار 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋېنېسۇئېلادىكى چاغدا ئۇنىڭدا قىزىپ قېلىش ۋە باش ئاغرىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، بىمار ئەينى چاغدا شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلاردا دىئاگنوز قويدۇرۇپ داۋالانغان. كېيىن بۇ ئەر 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋېنېسۇئېلادىن دۆلىتىمىزگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شېنجىن شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتكەن ھەم 2-ئاينىڭ 5-كۈنى جىياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇۋ شەھىرى گەنشىيەن ناھىيىسىگە قايتىپ كەلگەن، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى گەنشىيەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئايرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەملىكەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى بۇ بىمارنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيە  تارىخى، كىلىنكىلىق ئالامىتى شۇنداقلا جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مەزكۇر بىماردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىققان نەتىجىگە ئاساسەن، بۇ ئەر بىمارنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى يۇقتۇرما خاراكتېرلىك زىكا ۋىرۇسى يۇقۇملانغان بىمار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. 

             نۆۋەتتە بۇ بىمار گەنشىيەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، بىمارنىڭ تەن تېمپىراتۇرىسى نورماللاشقان، بەدىنىدىكى تاشمىمۇ ئاللىقاچان يوقىغان، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان.

            جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋە جىياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ يۇقتۇرما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئېلىپ كېلىدىغان خېيىم-خەتەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بارغان. مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ قارىشىچە، زىكا ۋىرۇسى بولسا پاشا ئارقىلىق يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك ئاساسلىقى ئائېدىس پاشىسىنىڭ چېقىشى سەۋەبىدىن يۇقىدىكەن، جىياڭشى ئۆلكىسى مەملىكىتىمىزدىكى ئائېدىس پاشىسى ئاساسلىق تارقالغان رايونلار ئىچىدە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئاخىرقى قىش، باش ئەتىياز مەزگىلى بولغاچقا، ھازىرچە پاشىلارنىڭ ھەركەت قىلغانلىقى بايقالمىغان. يېقىندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ھازىرچە تېخى ئائېدىس پاشىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويمىغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ قېتىم مەملىكىتىمىزدە كۆرۈلگەن يۇقتۇرما خاراكتېرلىك زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يامراپ كېتىش خېيىم-خەتىرى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.



زىكا ۋىرۇسى يۇقۇملانغانلاردىن تۇغۇلغان بالىلاردا بېشى بىنورماللىق كۆرۈلۈشى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھىندىستاندا ئاشقازىنى ئۈستىگە ئىككىنچى باش ئۆسۈپ قالغان غەلىتە قىز بوۋاق تۇغۇلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭە زىيان –زەخمەتكە ئۇچرىغاندا ئۆز–ئۆزىنى تەڭشەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .