ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختىدىكى رىياد بالىلار دوختۇرخانىسىدا 22 نەپەر دوختۇرنىڭ 10 سائەتلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، سۈرىيەلىك 4 ياشلىق تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك تۇكا ۋە ياكېن ئال قادارنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان

تۇكا ۋە ياكېن ئال قادار قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، ئۇلار باش قىسمى تۇتاش تۇغۇلغان. ئۇلار بىر باش سۆڭىكىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن، لېكىن ئىككى مېڭىسى بار ئىكەن، دۇنيادا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 2 مىليون 500 مىڭدىن بىر بولىدىكەن.

رىياد بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ باياناتچىسى: «2014-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان دوختۇرخانىمىز ئوپېراتسىيە تەييارلىقىنى قىلدى»دېدى. بۇ ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئوپېراتسىيەسىگە مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 10 سائەت ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇپ، مۆلچەردىكى 12 سائەتلىك ئوپېراتسىيەدىن قىسقا بولغان.




ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھىندىستانلىق ئۈچ پۇتلۇق قىزنىڭ ئارتۇق پۇتى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىۋېتىلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئامېرىكا ئالىملىرى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنى ياساپ چىقتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .