ئانگولا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خامچوتىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانگولا سەھىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ دۆلەتتە سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئاي ئىچىدە 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن.
 
ئانگولادا سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى

    كېسەلنىڭ تارقىلىشى رىۋاندا ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى ۋە ئەخلەتلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋال مەزكۇر كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى قۇرۇتلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 240 ئادەم يۇقۇملانغان. ئانگولا پايتەختى رىۋاندادا 450 مىڭ ئادەم ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن بولۇپ، نىشان 1 مىليون 600 مىڭغا يېقىن ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەش ئىكەن.

رېيېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رىۋاندا شەھەرلىك ھۆكۈمەت مالىيە كىرىزىسى سەۋەبلىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خامچوتىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكتىن، ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ قالغان. نۇرغۇنلىغان مۇھىت تازىلىقى ھۆددگەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغان، بەزىلىرى تاشقى پېرېۋوت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشى قىيىنغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلاسىنى بايقىدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قوشكېزەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .