ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: خەلق تورىنىڭ 15-فېۋرال توكيودىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەنگلىيە Scientific Reports ئىلىم-پـەن ژۇرناللىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلاسىنى بايقىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

ھەرقايسى ئەللەردە نۆۋەتتە بايقالغان ئېبولا ۋىرۇسى بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ، لېكىن بۇ بەش خىل ۋىرۇسقا بىردەك قارشى تۇرىدىغان ئانتىتېلانىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
 

خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گاۋتىيەن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار چاشقانغا ئېبولا ۋىرۇسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن، چاشقان تېنىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بەش خىل ۋىرۇسقا بىردەك قارشى تۇرىدىغان ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلاسىنى بايقىغان. بۇ خىل ئانتىتېلانى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان چاشقانغا ئىشلەتكەندىن كېيىن، ۋىرۇسنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينىغان.

مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يەنە بۇ يىل ئىچىدە مايمۇنغا شۇنىڭغا ئوخشاش سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئېبولا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا جۇڭگودىكى تۇنجى زىكا يۇقۇمدارى ساقايدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانگولادا سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .