جۇڭگودىكى تۇنجى زىكا يۇقۇمدارى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى  

جياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلىتىمىزدىكى زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. 

بۇ بىمار 2-ئاينىڭ 6-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى گەنشيەن ناھىيەسى خەلق دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالانغان، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن بىماردىكى قىزىش، ئىچى سۈرۈش، كۆز ئاغرىش، ئەسۋە چىقىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ساقايغان.

جياڭشى ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى، سۈيدۈكى، شۆلگىيى قاتارلىقلاردىكى زىكا ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە ھەممىسى مەنپىي بولغان. ئۆلكىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ساقايغانلىقىنى، دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. 


    ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىلانلىق توغۇت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلاسىنى بايقىدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .