گوللاندىيەلىك ئالىملار يېقىندا مەخسۇس ئەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئاق كۆڭۈل ئەرلەرنىڭ ئىچى قوتۇر ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى

 مانا ئەمدى ئامېرىكىلىق ئالىملار مەخسۇس ئاياللار ئۈستىدە شۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئىشلىگەندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى : ‹‹ ئاق كۆڭۈل ئاياللارمۇ خۇددى ئاق كۆڭۈل ئەرلەرگە ئوخشاش ، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان ئاياللاردىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىچى قوتۇر كىشلەر ۋاقىتنى ھەر قاچان باشقىلارنى قىيناشقا ئىشلەتسە ، ئاق كۆڭۈل كىشلەر ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەنھەرىكەت قاتارلىق كىشىنى شادلاندۇرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ ›› .
 
 
    تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى : بۇ تەتقىقاتتا 100 مىڭ ئايال سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلدى، ئېرىشكەن نەتىجىمىزدىن ئاق كۆڭۈل ئاياللارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشكە خۇشاللىق بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقى ، دائىملا كۈلۈپ يۈرۈيدىغانلىقى ؛ ئۇلارنىڭ كۆكسى – قارنى كەڭ بولۇپلا قالماستىن ، ھەر قانداق مۈشكۇلاتقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى ئايان بولدى .

دېمىسىمۇ ، ئىچى قوتۇر ئادەملارنىڭ كۆڭلىدە دائىم يامانلىق ئوتى لاۋۇلداپ تۇرىدۇ ، بۇ ھال ئۇزاق داۋام قىلسا چوقۇم كىشىنىڭ سالامەتلىكى تۈگىشىدۇ ، كاللىسى دائىم گاڭگىراپلا يۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ – دە ، ئاقىۋەتتە تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئۆمرىگە زور زىيان يېتىدۇ .
 
‹‹ سەھىيە ۋە سالامەتلىك ›› دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا يەتتە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ گېپى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .