ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال : بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،كۈزۈتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىۋالالايدۇ


  ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال : 
 بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،كۈزۈتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىۋالالايدۇ. 
 
 ئاق كۆڭۆل ئايال : 
 بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ، سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ،ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالماستىن، يەنە ئاتا-ئانا ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا، قوشنا - خۇلۇملىرىڭىزغا ،خىزمەدداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ . 
 
 تەبىئىي گۈزەل ئايال: 
 بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كىپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ ،بىراق ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ ،چاكىنا ئەمەس ،ئۇ سىزنى تەبئىي مىجەز خۇلىقى ساددىلىقى بىلەن خوش قىلىدۇ. 
 
 ئەقىل -پاراسەتلىك ،نازاكەتلىك ئايال: 
 بۇنداق ئاياللار ناھايىتى ئەقىللىق كىلىدۇ ، ئۇلار تۇرمۇشتا مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالايدىغان بولۇپ ،سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بىرەلەيدۇ. 
 
 ئۈمۈدۋار ئايال : 
 بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ ،سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا، جاسارەتلىك ،پاراسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ.مەغلۇبىتىيىڭىزبىلەن ئۈمۈتسىزلەنمەيدۇ ،قىيىنچىلىقىڭىزنى تەڭ كۆتۆرىدۇ. جاپادا بىرگە بولىدۇ. 
 
 قەدىر-قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال: 
 بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ ،بىراق سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 
 
 ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ماھىر ئايال : 
 بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ،ئىشلارنى كۆڭۆلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. 
 
 چىقىشقاق ئوچۇق ئايال : 
 ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ، سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بىرەلەيدۇ..باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىزلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك كېلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرگە كەڭ قورساق بولۇڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .