* تەسۋى قوناقتىن 50 گرام ئېلىپ، قوناقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ،


  * تەسۋى قوناقتىن 50 گرام ئېلىپ، قوناقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىمدىن ئۇدا بىر ئاي ئىستېمال قىلىنىدۇ.

   * ئاپېلسىن ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز تېرىسىگە سۈرۈپ، ئەتىگىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.

   * كۈندە كەچتە ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ بوش سىقىۋېتىپ، يۈزگە تەكشى تەگكۈزۈپ 13 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل تېرە تۆشۈكچىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى رېتسىپنى ئىشلىتىپ كۆرسىمۇ بولىدۇ.

   گۈڭگۈرت پۇقى بەش گرام، مارگانسوپ 0.1 گرام، ۋازېلىن 150 گرام.

   تەييارلاش ئۇسۇلى: ۋازېلىننى ئوتقا قويۇپ ئېرىتىپ، يېرىم قىزىق ھالەتكە كەلگەندە گۈڭگۈرت پاراشوكى، مارگەنسوپ سېلىنىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

   كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دانىخورەك بار ئورۇنغا ئاز مىقداردا تەكشى سۈرۈپ، ئەتىگەندە يۇيۇپ بەرسە، دانىخورەك تېز ساقىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۈزۈم سىركىسى ياكى 70 پىرسەنتلىك ئىسپىرتنى يۈزگە سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

   دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار يۈز سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش، ماي تەركىبى كۆپ بولغان سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك، تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، دانىخورەك چىققان ئورۇننى قول بىلەن تاتىلىماسلىق ھەم سىقماسلىق، تەركىبىدە ماي، قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، مۇچ، ئاچچىقسۇ، پىياز، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

دانىخورەكنى يوقىتىش ئۇسۇلى

   بۇرۇننىڭ ئۈستىگە قارا دانىخورەك چىقىپ قالسا، ئادەمنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئۇنى قول بىلەن سىقىۋەتسە ئىز قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بارماقنى تۇزغا تەگكۈزۈپ، بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن يېنىك سۈرۈپ، ئاندىن يۈزنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسىە قارا دانىخورەك پاكىز يوقايدۇ. تەر تۆشۈكچىلىرىمۇ تارىيىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياز پەسلىدە يۈز پەردىسى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ۋە چاچ پاسونى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .